ئىزدە تورى تور لۇغىتى ياخشى تورى مۇزىكا تورى

ياردەم

    مەزكۇر ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ياخشى تور پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان ھەقسىز يۇمشاق دېتال.
    نۇسخا نومۇرى : چېچەن 1.0
    ئىشلىتىش ياردىم قوللانمىسى : http://ime.izda.com
    مەزكۇر دېتالنىڭ بارلىق ھوقۇقى ياخشى تور پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىگە تەۋە

خاتالىق يوللاش

1. چېچەن كىرگۈزگۈچىسى ھەققىدە
  • چېچەن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچىسى ھەققىدە
    مەزكۇر ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ياخشى تور پەن-تېخنىكا شىركىتى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان ھەقسىز يۇمشاق دېتال.
    نۆۋەتتىكى نۇسخىسى : چېچەن v1.0
    ئاساسلىق ئىقتىدارى :
    1. ئىملا خاتالىقىدىن ساقلىنالايسىز، سۆزلۈك ئامبىرى تەجرىبىلىك كوررېكتورلارنىڭ تەكشۈرىشىدىن ئۆتكەن.
    2.ئەقلىي ئىقتىدارلىق كىرگۈزگۈچ، چېچەن كىرگۈزگۈچىسى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ كىرگۈزۈش ئادىتىنى ئەستە ساقلايدىغان بولۇپ، كۆپ ئىشلەتكەن سۆزلىرىڭىزنى نامزات سۆزلۈك قاتارىنىڭ ئالدىنقى ئورۇنىغا تىزىپ كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
    3.يۇمشاق كۇنۇپكا تاختىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئەگەر سىز يېڭى ئۆگەنچى بولسىڭىز يۇمشاق كۇنۇپكا تاختىسىنى قوزغىتىپ ، كۇنۇپكا تاختىسى ئارقىلىق ( ياكى كۇنۇپكا تاختىسىغا قاراپ ) خەت كىرگۈزسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.
    4. كىرگۈزۈش سۈرئىتىڭىز تېزلىشىدۇ، سىز كىرگۈزمەكچى بولغان سۆزنىڭ باش ھەرپلىرىنى كىرگۈزسىڭىزلا ، چېچەن سىزگە كىرگۈزگەن ھەرپلىرىڭىزگە ماس كېلىدىغان ، كۆپ ئىشلىتىلگەن سۆزلەرنى نامزات سۆز قىلىپ كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
    5.سۆز بىرىكمىسى كىرگۈزۈش تېخىمۇ قولايلىق ھەم تېز، مەسىلەن: ‹‹ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ›› دىگەننى يازماقچى بولسىڭىز پەقەت ‹‹ ش ۇ ا ر ›› ئىككى ھەرپنى كىرگۈزسىڭىزلا بولىدۇ، ‹‹ ئۈرۈمچى شەھىرى ›› دىگەننى يازماقچى بولسىڭىز ‹‹ ۈ ش ›› ئىككى ھەرپنى كىرگۈزسىڭىزلا بولىدۇ. ( سۆز بېرىكمىسى يازغاندا ئەمزە ‹‹ ئ ››قوشۇپ يېزىشىڭىز ھاجەتسىز )
    6.كۆپ خىل كىرگۈزگۈچ ئۇسلۇبى تەمىنلەندى، ئۆزىڭىز ياقتۇرغان ئۇسلۇب، رەڭلەرنى تاللاپ ئىشلىتەلەيسىز. يەنە شىركىتىمىز تەمىنلىگەن Chichenicc ئۇسلۇب لايىھەلەش قورالى ئارقىلىق ئۆزىڭىز ياقتۇرىدىغان پاسوندىكى ئۇسلۇبلارنى ياساپ ئىشلىتەلەيسىز.
    7.بىر كۇنۇپكا بىلەنلا ئەڭ يېڭى سۆزلۈك ئامبىرىنى ئىشلىتەلەيسىز، سۆزلۈك ئامبىرىنى توردا يېڭىلاشقا بولىدۇ، شىركىتىمىز سۆزلۈك ئامبىرىنى داۋاملىق تولۇقلايدۇ، سۆزلۈك ئامبىرى يېڭىلاش ئۈچۈن دېتالنى قايتا قاچىلىشىڭىز ھاجەتسىز.
    8.shift كۇنۇپكىسى ئارقىلىق ئۇيغۇرچە، لاتىنچە كىرگۈزۈشنى ئالماشتۇرالايسىز، ئىنتايىن قولايلىق.
    9.قاچىلاش باسقۇچى ئاددىي، قولايلىق؛ قاچىلاشتىن ئىلگىرى ياكى قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن كومپيۇتېرىڭىزنىڭ تەڭشەكلىرىنى ئۆزگەرتىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق.

    مەزكۇر دېتالنىڭ بارلىق ھوقۇقى ياخشى تور پەن-تېخنىكا شىركىتىگە تەئەللۇق
    © 2010-2013 Yahxi Network Technology Co., Ltd.
2. چېچەن كىرگۈزگۈچىسىنى قاچىلىسام كومپىيۇتېرىمغا زىيىنى بارمۇ؟
  • چېچەن كىرگۈزگۈچ ھۆججەت سىغىمى كىچىك، ئىچكى ساقلىغۇچ ۋە مەركىزى بىرتەرەپ قىلغۇچقا بولغان بېسىمى تۆۋەن، خاتىرجەم قاچىلاپ ئىشلەتسىڭىز بۇلىدۇ.
    چېچەن كىرگۈزگۈچنى قاچىلىغاندا ئىزدە مۈدۈك باشبېتى بىرگە قاچىلىنىدۇ، يېڭىلىقلاردىن بىرىنچى ۋاقىتتا خەۋەردار بولالايسىز!
    چېچەن كىرگۈزگۈچنى قاچىلىغاندا قاچىلاش ئاخىرقى باسقۇچىدا ئىزدە تورىنى باشبەت قىلىش ياكى قىلماسلىق تاللاش تۈرى بار، ئەگەر ئىزدە تورىنى باشبەت قىلىشنى خالىمىسىڭىز، قاچىلاش جەريانىدا مۇشۇ تاللاش تۈرىدىكى توغرا بەلگىسىنى ئېلىۋەتسىڭىزلا بولىدۇ.
1. چېچەن كىرگۈزگۈچنى قانداق قوزغىتىمەن؟
  • 1.Shift كونۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ Alt كونۇپكىسىنى باسسىڭىز (Shift+Alt) چېچەن كىرگۈزگۈچ قوزغىلىدۇ
    2.ئۈستەل يۈزى ئوڭ تەرەپ ئاستىدىكى تىل-يېزىق رايۇنىدىن قوزغىتىسىز، رەسىمنى كۆرۈڭ:

    تىل-يېزىق تاللاش ئورنىنى چەككەندىن تۆۋەندىكىدەك تېزىملىك كۆرىنىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىن UI 维吾尔语(中国) دىگەننى تاللىسىڭىز بولىدۇ، تاللىغاندىن كىيىن رەسىمدىكىدەك ھالەتنى كۆرىسىز

    باشمالتاق شەكىلدىكى ياخشى شىركىتى ماركىسى بار كۆزنەك كۆرۈنگەندە چېچەن كىرگۈزگۈچىسى قوزغالغان بولىدۇ.
2. ئۇيغۇرچە-لاتىنچە كىرگۈزۈشنى قانداق ئالماشتۇرىمەن؟
  • Shift كونۇپكىسىنى بېسىپ ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ھالىتىدىن لاتىنچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ، لاتىنچە كىرگۈزۈش ھالىتىدىن ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرسىڭىز بۇلىدۇ.
    ياكى :
    ھالەت سىتونىدىكى ‹‹ ئۇ ›› ، ‹‹ En ›› كۇنۇپكىلىرى ئارقىلىق ئالماشتۇرسىڭىز بۇلىدۇ. رەسىمدىن كۆرۈڭ :

3. توربېكەت ئادرېسى يازماقچى بولسام چوقۇم لاتىنچە كىرگۈزۈشكە ئالماشتۇرامدىم؟
  • تور ئادرېسى كىرگۈزمەكچى بولسىڭىز ، تور ئادرېسىنى بىۋاستە يازسىڭىز بولىدۇ.
    مىسال:
4. سۆز كىرگۈزگەندىن كىيىن ئاپتۇماتىك بوشلۇق قويۇلمىدى؟
  • سۆز كەينىگە ئاپتوماتىك بوشلۇق قويۇش(سۈكۈت ھالىتىدە سۆز كەينىگە ئاپتۇماتىك بوشلۇق قويۇلمايدۇ، ئەگەر سىز ئىھتىياجلىق دەپ قارىسىڭىز تەڭشەك بەلگىسىنى بېسىپ،

    كۆرۈنگەن تىزىملىك ئىچىدىن ‹‹ خاسلىق تەڭشەش ›› دىگەننى بېسىپ كىرىپ، كۆزنەك ئىچىدىكى (تەڭشەك) ئىچىگە كىرىپ ‹‹ سۆز كەينىگە ئاپتۇماتىك بوشلۇق قويۇلسۇن ›› دىگەن ئورۇنغا توغرا بەلگىسى قويۇپ قويسىڭىز، سۆز كەينىگە ئاپتوماتىك بوشلۇق قويۇلىدۇ ) رەسىمدىكىدەك:
5. سۆز بىرىكمىسىنى قانداق كىرگۈزىمەن ؟
  • سۆزبىرىكمىلىرىنى كىرگۈزۈش ئۈچۈن سۆزبىرىكمىسىدىكى سۆزلەرنىڭ باش ھەرپىنى كىرگۈزسىڭىزلا بولىدۇ، سۆزبىرىكمىسى يازغاندا ئەمزە ‹‹ ئ ›› قوشۇپ يېزىش ھاجەتسىز، مەسىلەن :‹‹ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ›› دىگەننى يازماقچى بولسىڭىز پەقەت ‹‹ ش ۇ ا ر ›› ئىككى ھەرپنى كىرگۈزسىڭىزلا بولىدۇ، ‹‹ ئۈرۈمچى شەھىرى ›› دىگەننى يازماقچى بولسىڭىز ‹‹ ۈ ش ›› ئىككى ھەرپنى كىرگۈزسىڭىزلا بولىدۇ. مىسال:
1.قاچىلاش قەدەم باسقۇچلىرى
  • قاچىلاش ھۆججىتىنى چۈشۈرۈپ بولغاندىن كىيىن رەسىمدىكىدەك ھۆججەتنى كۆرىسىز:

    ھۆججەتنى قوش چىكىپ قاچىلاش باسقۇچىغا كىرىسىز.
    قاچىلاش كۆرۈنمە يۈزى :

    قوشۇلىمەن دىگەننى تاللىغاندىن كىيىن، ‹‹ قاچىلاش ›› دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، قاچىلىسىڭىز بۇلىدۇ.
2.كومپيۇتېردىن يۇيۇش قەدەم باسقۇچلىرى
  • باشلاش تېزىملىكى ئىچىدىن چېچەن كىرگۈزگۈچىسى مۇندەرىجىسىنى ئېچىپ، تىزىملىكتىكى ‹‹ كومپيۇتېردىن يۇيۇش ›› دىگەننى بېسىپ كومپيۇتېردىن يۇيۇش مەشغۇلاتتى ئېلىپ بارسىڭىز بۇلىدۇ. رەسىمدىن كۆرۈڭ :

    ئەسكەرتىش: ئەگەر كومپىيۇتېردىن يۇيۇش باسقۇچىدا تۆۋەندىكىدەك ئەسكەرتىش رامكىسى كۆرۈنسە :

    ئاۋال چېچەن كىرگۈزگۈچىسى ئىشلىتىلىۋاتقان پروگراممامىلاردىكى ساقلاشقا تېگىشلىك مەزمۇنلارنى ساقلىۋالغاندىن كىيىن پروگراممىنى تاقاپ، ئاندىن يۇيۇش مەشغۇلاتى قىلسىڭىز بۇلىدۇ، ئەگەر ساقلاشقا تېگىشلىك مەزمۇنلار يوق دەپ قارىسىڭىز، ‹‹ مەجبۇرىي ئاخىرلاشتۇرۇش ›› دىگەننى بېسىپ، كومپيۇتېردىن يۇيۇش مەشغۇلاتىنى داۋاملاشتۇرسىڭىز بۇلىدۇ.
1.كىرگۈزگۈچ ئۇسلۇبىنى قايەردىن ئۆزگەرتىمەن ؟
  • ھالەت سىتونىدىكى تەڭشەك بەلگىسىنى بېسىپ :

    مائۇسنى ئۇسلۇب دىگەن تاللاش تۈرى ئۈستىگە ئەكەلسىڭىز تەمىنلەنگەن ئۇسلۇبلار تىزىملىكى كۆرۈنىدۇ. رەسىمدىن كۆرۈڭ :

    ياكى ھالەت سىتونىنى چىكىپ ‹‹ خاسلىق تەڭشەش ›› كە كىرىپ ، ‹‹ ئۇسلۇب ›› دىگەن تاللاش رامكىسىدىن ئۇسلۇب تاللاپ بېكىتسىڭىزمۇ بۇلىدۇ . رەسىمدىن كۆرۈڭ:
2.تېخىمۇ كۆپ ئۇسلۇبلارغا ئېرىشمەكچى بولسام قانداق قىلىمەن؟
  • ھالەت سىتونىدىكى كىيىم بەلگىسىنى چەكسىڭىز، چېچەن كىرگۈزگۈچ ئۇسلۇب چۈشۈرۈش بېتىگە كىرىسىز، شۇيەردىن ئۆزىڭىز ياقتۇرىدىغان ئۇسلۇبلارنى تاللاپ ئىشلەتسىڭىز بۇلىدۇ . رەسىمدىن كۆرۈڭ :
1.كىيىنكى بەتتىكى نامزات سۆزلەرنى قانداق كۆرىمەن؟
  • نامزات سۆز رامكىسى سول تەرەپتىكى ئىستىرىلكا بەلگىسى ئارقىلىق ئالدىنقى ۋە كىيىنكى بەتتىكى نامزات سۆزلەرنى كۆرەلەيسىز. رەسىمدىن كۆرۈڭ :

    ياكى كونۇپكا تاختىسى - سان-سىپىرلار كىرگۈزۈش ئورنى سول تەرپىدىكى ئاستى-ئۈستى يۆلىنىش كونۇپكىسى ئارقىلىقمۇ ئالدىنقى ۋە كىيىنكى بەتتىكى نامزات سۆزلەرنى كۆرەلەيسىز.
2.نامزات سۆز سانىنى نەدىن تەڭشەيمەن؟
  • ھالەت سىتونىدىكى تەڭشەك بەلگىسىنى بېسىپ :

    تىزىملىكتىكى تاللاش تۈرىدىن ‹‹ خاسلىق تەڭشەش ›› نى بېسىپ كىرىپ

    رامكىدىكى نامزات سۆز سانى دىگەن ئورۇندىن ئىھتىياجىڭىزغا ئاساسەن تاللىڭىسىڭىز بۇلىدۇ .

3.نامزات سۆز خەت رەڭگى ۋە چوڭ-كىچىكلىكىنى قانداق ئۆزگەرتىمەن ؟
  • ھالەت سىتونىدىكى تەڭشەك بەلگىسىنى بېسىپ :

    تىزىملىكتىكى تاللاش تۈرىدىن ‹‹ خاسلىق تەڭشەش ›› نى بېسىپ كىرىپ

    رامكىدىكى ‹‹ خەت نۇسخىسى ›› دىگەن ئورۇندىن ئىھتىياجىڭىزغا ئاساسەن بېكىتسىڭىز بۇلىدۇ .

4. نامزات سۆز رامكىسىنى تىك شەكىلدە كۆرۈنىدىغان قىلغىلى بۇلامدۇ ؟
  • ھالەت سىتونىدىكى تەڭشەك بەلگىسىنى بېسىپ :

    تىزىملىكتىكى تاللاش تۈرىدىن ‹‹ خاسلىق تەڭشەش ›› نى بېسىپ كىرىپ

    رامكىدىكى ‹‹ نامزات سۆز ›› دىگەن تاللاش تۈرىدىن ‹‹ تىك قۇر ›› دىگەننى تاللاپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ . رەسىمدىن كۆرۈڭ :
1.سۆزلۈك ئامبىرىنى قايسى ئورۇندىن يېڭىلايمەن ؟
  • ھالەت سىتونىدىكى تەڭشەك بەلگىسىنى بېسىپ :

    تىزىملىكتىكى تاللاش تۈرىدىن ‹‹ خاسلىق تەڭشەش ›› نى بېسىپ كىرىپ

    ئوڭ تەرەپتىكى تۈردىن ‹‹ تەڭشەك ›› دىگەننى باسقاندىن كىيىن تۆۋەندىكىدەك رامكىنى كۆرىسىز :

    رامكىدىكى ‹‹ سۆزلۈك ئامبىرى يېڭىلاش ›› دىگەننى باسىسىڭىز سۆزلۈك ئامبىرى يېڭىلاش كۆزنىكى كۆرۈنىدۇ ، يېڭى سۆزلۈك ئامبىرى يوللانغان بولسا تاللاپ ‹‹ تاللىغاننى يېڭىلاش ›› دىگەننى باسىسىڭىز ئەڭ يېڭى سۆزلۈك ئامبىرى چۈشۈرۈپ قاچىلىنىدۇ . رەسىمدىن كۆرۈڭ :
1.ئالاھىدە ھەرپ، بەلگىلەرنى قانداق كىرگۈزىمەن ؟
  • ھالەت سىتونىدىكى تەڭشەك بەلگىسىنى بېسىپ :

    مائۇسنى ‹‹ كونۇپكا تاختىسى ›› دىگەن تاللاش تۈرى ئۈستىگە ئەكەلسىڭىز ئالاھىدە ھەرپ ،بەلگىلەرنى كىرگۈزۈش تۈر تىزىملىكى كۆرۈنىدۇ. ئىھتىياجىڭىزغا ئاساسەن كېرەكلىك كونۇپكا تاختىسىنى تاللاپ ئالاھىدە ھەرپ، بەلگىلەرنى كىرگۈزسىڭىز بۇلىدۇ . رەسىمدىن كۆرۈڭ :
1.ئۈزۈم ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە ئۇسلۇبلارنى لايىھەلەپ ئىشلىتەلەمدىم ؟
  • چېچەن كىرگۈزگۈچ توربېتى باشبەت سول تەرەپتىكى ئورۇندىن ‹‹ چېچەن ئۇسلۇب لايىھەلەش قورالى ›› نى چۈشۈرۈپ ، ئۆزىڭىز ياقتۇرىدىغان پاسوندا ئۇسلۇب لايىھەلەپ ئىشلەتسىڭىز ھەم ياخشى لايىھەلەنگەن ئۇسلۇبلارنى بىزگە يوللاپ بېرىپ ، باشقىلارنىڭ ئورتاق بەھىرلىنىشىگە سۇنسىڭىزمۇ بۇلىدۇ .
    چېچەن كىرگۈزگۈچ باشبېتى ئادرېسى : http://ime.izda.com
2.ئۆزۈم لايىھەلىگەن ئۇسلۇبلارنى ئىزدە تورىغا قانداق يوللايمەن ؟
  • چېچەن كىرگۈزگۈچ توربېتى باشبەت سول تەرەپتىكى ‹‹ ئۇسلۇب يوللاڭ ›› دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، لايىھەلىگەن ئۇسلۇبىڭىزنى بىزگە يوللاپ بەرسىڭىز بۇلىدۇ ، تەمىنلىگەن ئۇسلۇبىڭىز تەستىقلانغاندىن كىيىن چېچەن كىرگۈزگۈچ ئۇسلۇب چۈشۈرۈش قانىلىغا كىرگۈزىلىدۇ .
    چېچەن كىرگۈزگۈچ ئۇسلۇب چۈشۈرۈش قانىلى ئادرېسى : http://www.izda.com/index.php?m=content&c=index&a=lists&catid=66
1.مۈدۈك باشبېتىنى ئۆچۈرۋەتكەندىن كىيىن ، يەنە قايتا كۆرمەكچى بولسام قايسى ئورۇندىن كۆرىمەن ؟
  • ھالەت سىتونىدىكى تەڭشەك بەلگىسىنى بېسىپ :

    تېزىملىك ئىچىكىدىكى ‹‹ مۈدۈك باشبېتى ›› دىگەننى چەكسىڭىز ، ئىزدە مۈدۈك باشبېتى يېڭىدىن ئېچىلىدۇ . رەسىمدىن كۆرۈڭ :
1.سۇئال
  • جاۋاب
1.سۇئال
  • جاۋاب

خاتالىق ئۇچۇرى يوللاش

مەسىلىنى ياخشى بىرتەرەپ قىلىش ئۇچۇن خاتالىق ئۇچۇرنى تۇلۇق يېزىڭ!

يوللۇققان مەسىلە ھەققىدە ئىزاھات بىرىڭ!

يانفۇن نومۇرى ياكى(QQ/MSN/Email)

ئىزدە خەۋەر تور لۇغىتى ئىزدە كودى ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ
ياخشى تور پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ﺵ ICP ﺋﻪ . 10002606 - ﻧوﻣﯘﺭﻟﯘﻕ